ترامپ: ئەيىب بېيجىڭدا ئەمەس، ۋاشىنگتوندا

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودا تەڭپۇڭسىزلىقى سەۋەبىدىن بېيجىڭ دائىرىلىرىنى ئەيىبلىمەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭ جاۋابكارىنىڭ بۇرۇنقى ئامېرىكا رەھبەرلىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

844378
ترامپ: ئەيىب بېيجىڭدا ئەمەس، ۋاشىنگتوندا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: س ن ن قانىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ترامپ خىتاي زىيارىتى جەريانىدا سودا – سانائەتچىلەرگە خىتاب قىلىپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «ئەپسۇسكى، سودا مۇناسىۋەتلىرىمىزدە نۆۋەتتە بىر تەرەپلىمە، ئادىل بولمىغان بىر خىل ھالەت بار. بىراق، بۇ جەھەتتە خىتاينى ئەيىبلىمەيمەن. نەتىجىدە ئۆز پۇقرالىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن باشقا دۆلەتتىن پايدا ئالغان بىر دۆلەتنى كىممۇ ئەيىبلىيەلىسۇن؟ بۇ جەھەتتە خىتاينى تەبرىكلەيمەن» دېگەن.

ئۇ، جاۋابكارلىقنىڭ مەزكۇر سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنىڭ شەكىللىنىشىگە، ئېغىرلىشىپ كېتىشىگە ۋە بارغانچە كونترولدىن چىقىپ كېتىشىگە يول قويغان بۇرۇنقى ئامېرىكا رەھبەرلىكىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بۇ تەڭپۇڭسىزلىقنى تۈزىتىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، «چۈنكى، بۇ ئىش ئەمدى ئاقمايدۇ. ئامېرىكا شىركەتلىرى ۋە ئامېرىكىلىق خىزمەتچىلەر بۇنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىماقتا. بۇنىڭ بۇنداق داۋاملاشتۇرۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس» دېگەنلەرنى قەيت قىلغان.

ترامپنىڭ بۇ سۆزلىرى، تاشقى سودا سىياسەتلىرى تۈپەيلى ئامېرىكىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ كېلىۋاتقان خىتاي قاتارلىق باشقا دۆلەتلەرنى ئەيىبلىگەن بۇرۇنقى سۆزلىرىنىڭ ئىنتوناتسىيەسىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دېگەندەك ئانالىزلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر