پاكىستان تەبلىغ جامائىتى قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئاپتوبۇسى ئېغىر قازاغا يولۇقتى

پاكىستان تەبلىغ جامائىتى قوللىغۇچىلىرى ئولتۇرغان ئاپتوبۇس ئېغىر قازاغا يولۇقۇپ ئونلارچە ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

844053
پاكىستان تەبلىغ جامائىتى قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئاپتوبۇسى ئېغىر قازاغا يولۇقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاننىڭ پەنجاپ ئۆلكىسىگە قاراشلىق چاكۋال رايونىدا بىر ئاپتوبۇس چوڭقۇر ۋادىغا چۈشۈپ كېتىپ، 24 ئادەم قازا قىلدى، 50 ئادەم يارىلاندى.

پاكىستاننىڭ پەنجاپ ئۆلكىسىگە قاراشلىق چاكۋال رايونىدا قازاغا ئۇچرىغان ئاپتوبۇستىكى 80 گە يېقىن ئادەمنىڭ، تەبلىغ جامائىتىنىڭ لاھورغا يېقىن جايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىللىق يىغىلىشىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن يولغا چىققان يولۇچىلار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئىگىلىنىشىچە، قازادا ئېغىر يارىلانغان 12 ئادەم راۋالپىندىدىكى دوختۇرخانىلاردا بالنىستقا ئېلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر