ئابباس تويۇقسىزلا رىيادتا زىيارەتتە بولدى

پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس تويۇقسىزلا سەئۇدى ئەرەبىستاندا زىيارەتتە بولدى.

843097
ئابباس تويۇقسىزلا رىيادتا زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – ۋافا، پادىشاھ سەلمان بىن ئابدۇلئەزىزنىڭ ئابباس ۋە ھەمرالىقىدىكى ھەيئەتنى پايتەخت رىيادتىكى سارىيىدا قوبۇل قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئۇچرىشىشتا، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ۋە رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر بىلەن بىرلىكتە پەلەستىن مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەرنىڭ مۇھاكىمە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباسنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پەلەستىن داۋاسى يولىدا تاشلىغان يېقىنقى قەدەملىرى بىلەن پەلەستىنلىكلەر ئارىسىدىكى پارچىلىنىشقا خاتىمە بېرىش يولىدا تاشلانغان قەدەملەر توغرىسىدا پادىشاھ سەلمانغا مەلۇمات بەرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئابباس يەنە، خەلقئارا سەھنىدە پەلەستىننى قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەنلىكى ئۈچۈن، پادىشاھ سەلمانغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى. ئۇچرىشىشتىن كېيىن پادىشاھ سەلمان مېھمان پىرېزىدېنت ئابباس ۋە ھەمرالىقىدىكى ھەيئەتنىڭ شەرىپىگە زىياپەت بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر