ئەسەد ئىدلىبتا ئۇرۇش توختىتىشنى ئاياق ئاستى قىلماقتا
ئەسەد قىسىملىرى مۇشۇ بىر ئاي ئىچىدە 21 پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىدلىبتىكى توقۇنۇشتىن خالىي رايوندا بەششار ئەسەد قىسىملىرى يېقىنقى بىر ئايدىن بۇيان ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىش ئارقىلىق 21 پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
ئەسەد قىسىملىرى مۇشۇ بىر ئاي ئىچىدە خان شەيخۇن ۋە تەمىنىيە رايونلىرى ھەمدە لىدەمە ۋە بىرناس يېزىلىرىغا كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلدى.
ھۇجۇمدا 12 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ئىدلىبتىكى توقۇنۇشتىن خالىي رايون دائىرىسىگە جايلاشقان لازىقىيە ۋىلايىتىگە قاراشلىق جەبەل تىففەھىيە، قەبىنە، سافىيەت يولى، سەللۇر ۋە يامادىيە رايونلىرىدىكى ھۇجۇملاردا 4 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.
توقۇنۇشتىن خالىي رايون دائىرىسىدىكى ھاما يېزىسىغا قاراشلىق لاتامنە ۋە كەفەر زىتا رايونلىرى بىلەن ئەتراپتىكى يېزىلاردا ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملاردا بولسا، 5 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ھۇجۇمدىن ئىلگىرى يېزا خەلقى كۆچۈرۈپ كېتىلگەن بولغاچقا، ئادەم ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىنىڭ ئالدى ئېلىنغان بولدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يېڭى زېلاندىيە غەززەگە قوشۇمچە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدۇ
يېڭى زېلاندىيە غەززەگە 5 مىليون دوللار قوشۇمچە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدۇ.