«تولىمۇ مەنىلىك مىنۇتلارنى ئۆتكۈزدۈم»

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 13 كۈنلۈك ئاسىيا زىيارىتى دائىرىسىدە بۈگۈن خىتايغا يېتىپ كەلدى.

843405
«تولىمۇ مەنىلىك مىنۇتلارنى ئۆتكۈزدۈم»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 13 كۈنلۈك ئاسىيا زىيارىتى دائىرىسىدە ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيەدىكى ئۇچرىشىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ خىتايغا كەلدى.

خىتايدا ئىككى كۈن زىيارەتتە بولىدىغان ترامپ رەسمىي ئۇچرىشىشلاردىن سىرت بىر قىسىم پائالىيەتكىمۇ ئىشتىراك قىلىدۇ.

دونالد ترامپ ۋە رەپىقىسى مېلانىيا ترامپ خىتاي زىيارىتىنىڭ تۇنجى كۈنىدە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى  لى پىڭيۇەن بىلەن بىرلىكتە بېيجىڭدىكى تىيەنئەمىن مەيدانىغا جايلاشقان گۇگۇڭ سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

دونالد ترامپ نەۋرىسى ئارابېللا ئېيتقان خىتايچە ناخشىنى كومپىيۇتېردا شى جىنپىڭغا قويۇپ بەردى.

شى جىنپىڭ ناخشىنى ئاڭلاپ: «نەۋرىڭىزنىڭمۇ دۆلىتىمىزگە كېلىش پۇرسىتى بولۇپ قالار»دېدى.

ئارقىدىن ئىككى رەھبەر ۋە رەپىقىلىرى گۇگۇڭ سارىيىدا ياش ئوپېرا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مىللىچە كىيىم كېيىپ كۆرسەتكەن ناخشا-مۇزىكا ۋە ئۇسۇل نومۇرلىرىنى تاماشا قىلدى.

پائالىيەتتىن كېيىن ترامپ «تولىمۇ مەنىلىك مىنۇتلارنى ئۆتكۈزدۈم»دېدى.

ترامپنىڭ شەرىپىگە ئەتە تىيەنئەمىن مەيدانىدىكى خەلق سارىيىدا رەسمىي كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

مۇراسىمدىن كېيىن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى كۆرۈشىدۇ.

ترامپقا خىتاي زىيارىتىدە 11ى ئېنېرگىيە ساھەسى بولۇپ جەمئىي 29 شىركەتنىڭ ۋەكىللىرى ھەمراھ بولدى.

ئامېرىكىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى بۇشنىڭ 1992-يىلدىكى ئاسىيا زىيارىتىدىن بۇيان ئەڭ ئۇزۇن ئاسىيا زىيارىتىنى باشلىغان ترامپ، ئالدى بىلەن ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى، ئارقىدىن 13 كۈنلۈك زىيارىتىنىڭ ئۈچىنچى بېكىتى بولغان خىتايدا 2 كۈنلۈك زىيارەتتە بولىدۇ.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدىن كېيىن خىتاينى پىرېزىدېنتلىق سەۋىيەسىدە زىيارەت قىلغان تۇنجى رەھبەر بولدى.

دونالد ترامپ بېيجىڭدىكى زىيارىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن 10-نويابىردىن 12-نويابىرغىچە ۋىيېتنامدا، 12-نويابىردىن 13-نويابىرغىچە فىلىپپىندە زىيارەتتە بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر