خىتاينىڭ كونا پۇللىرى رېكورت باھادا سېتىلدى

خىتاينىڭ 50 دانە كونا پۇلى، دانىيەنىڭ پايتەختى كوپېنھاگېندىكى برۇئۇن راسمۇسسېن ناملىق باھا تالاشتۇرۇپ سېتىش مەركىزىدە 1 مىليون 400 مىڭ كرون (850 مىڭ تۈركىيە لىراسى) غا سېتىلدى.

843372
خىتاينىڭ كونا پۇللىرى رېكورت باھادا سېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دانىيەنىڭ پايتەختى كوپېنھاگېندىكى برۇئۇن راسمۇسسېن باھا تالاشتۇرۇپ سېتىش ئۆيى، مەزكۇر كونا پۇللارنى خوڭكوڭدا ياشايدىغان بىر خىتاي  ئاسارە – ئەتىقە توپلىغۇچىسى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بىر تىزىق ھالىتىدە سېتىشقا سۇنۇلغان پۇللارنىڭ 1854 – يىلى بېسىلغانلىقى، 1900 – يىللارنىڭ باشلىرىدا خىتايدا ۋەزىپە ئۆتىگەن سوفۇس بىلاك ئىسىملىك بىر دانىيەلىك تەرىپىدىن دانىيەگە كەلتۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

برۇئۇن راسمۇسسېن باھا تالاشتۇرۇپ سېتىش ئورنى، دانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى كونا پۇللارنى باھا تالاشتۇرۇپ سېتىشتا بۇنداق كۆپ مەبلەغكە كونا پۇل سېتىلمىغانلىقىنى، بۇ قېتىمقىسىنىڭ بىر رېكورت ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر