كابۇلدا خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

842307
كابۇلدا خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا مەلۇم بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلى ھۇجۇمغا ئۇچراپ  1 ئادەم ئۆلدى، 3 ئادەم يارىلاندى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نەجىب دانىش زوراۋانلارنىڭ 3 كىشى ئىكەنلىكىنى، ۋەقە ئەسناسىدا بىرىنىڭ ئۆلۈپ قالغان ئىككىسىنىڭ تېلېۋىزىيە بىناسىغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېيتتى.

ساقچى دائىرىلىرىمۇ ھۇجۇمدا 1 ئادەمنىڭ ئۆلۈپ 3 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى تالىبان بۇ ھۇجۇم بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر