ئامېرىكىدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئونلارچە ئادەم ئۆلدى

ئامېرىكىنىڭ تېكساس ئىشتاتىدىكى بىر چېركاۋغا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا 26 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

841203
ئامېرىكىدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئونلارچە ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: س ن ن قانىلىنىڭ مەھەللىي مەنبەلەرنى ئاساس قىلىپ بەرگەن خەۋىرىدە، ئۆلگەنلەرنىڭ ئىچىدە ئىككى ياشلىق بىر بالا بىلەن چېركاۋ پوپىنىڭ 14 ياشلىق قىزىنىڭمۇ بارلىقى قەيت قىلىندى.

تېكساس جامائەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى ئەمەلدارى فرېمان مارتىن بولسا، 23 كىشىنىڭ چېركاۋدا، 2 كىشىنىڭ چېركاۋنىڭ سىرتىدا، بىر كىشىنىڭ بالنىستقا ئېلىنغان دوختۇرخانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، ھۇجۇمچىنىڭ 26 ياشلىق ئاق تەنلىك دېۋىن پاترىك كېللېي ئىسىملىك بىر كىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

باشتىن ئاياغ قارا رەڭلىك كىيىم كىيىۋالغان ھۇجۇمچىنىڭ ئوق ئۆتمەس جىلىتكە كىيىۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن مارتىن، ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىن قېچىش ئەسناسىدا قورالىنى چۈشۈرۈپ قويغان ھۇجۇمچىنىڭ ئاپتوموبىلىدىن ئۆلۈكىنىڭ تېپىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان بولۇش ياكى ۋەقەدىن كېيىن ئۇنى قوغلىغان ئاھالىلەردىن بىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بولسا، تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، «تەڭرى تېكساس سۇتېرلاند سپرىڭدىكى كىشىلەر بىلەن بىرگە بولسۇن. ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ۋە ساقچىلار نەق مەيداندا، ۋەزىيەتنى ياپونىيەدىن كۆزىتىۈۋاتىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى، ئارقىدىن يازما بايانات ئېلان قىلىپ «كۈچلۈك بولىمىز» سىگنالىنى بەردى.

ھۇجۇمغا «شەيتانى قىلمىش» دەپ باھا بەرگەن دونالد ترامپ باياناتىدا، «ئازابىمىز ۋە ھېسلىرىمىزنى سۆز بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيمىز ۋە ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېقىنلىرىنىڭ ھېس – تۇيغۇلىرىنى تەسەۋۋۇرمۇ قىلالمايمىز. كۆڭلىمىز يېرىم بولدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر