سەئۇدى ئەرەبىستان بىر قىسىم سابىق مىنىستىرلار ۋە 11 شاھزادىنى نازارەت ئاستىغا ئالدى

سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرى، سابىق مىنىستىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ ساندا كىشىنى چىرىكلىك قىلمىشى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ نازارەت ئاستىغا ئالدى.

840895
سەئۇدى ئەرەبىستان بىر قىسىم سابىق مىنىستىرلار ۋە 11 شاھزادىنى نازارەت ئاستىغا ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەلئەرەبىيە قانىلى، نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلارنىڭ ئارىسىدا، كۆپ ساندا سابىق مىنىستىر بىلەن 11 شاھزادىنىڭمۇ بارلىقىنى، مەزكۇر كىشىلەرنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش بۇيرۇقىنى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ چۈشۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

مەزكۇر كومىتېتنىڭ قۇرۇلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر، تۈنۈگۈن كېچە ئىچكى كابىنېت ۋە ئارمىيە سېپىدىكى بەزى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار بىلەن بىرلىكتە ئېلان قىلىنغانىدى.

مۇداپىئە مىنىستىرى ۋە تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان باشچىلىقىدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈش، ساياھەت چەكلىمىسى قويۇش ۋە بانكا ھېساباتلىرىنى توڭلىتىپ قويۇش قاتارلىق سالاھىيەتلىرىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر