ئىراندا تېررورىستلار بىلەن ئارمىيە تەرەپ ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا 8 ئىران ئەسكىرى ئۆلدى
ئىراننىڭ غەربىي شىمالىدىكى تۈركىيە چېگراسىغا يېقىن چالدىران شەھىرىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ پجاك تارمىقى بىلەن ئارمىيە تەرەپ ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا 8 ئىران ئەسكىرى ئۆلدى.
840653
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، توقۇنۇشلار چېگرا رايوننىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدىن كېيىن رايوندا تېررورىست گۇرۇپپىلارغا قارشى باشلانغان ھەربىي ھەرىكەت داۋاملاشماقتا ئىكەن.