شىمالىي كورېيە ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە تاراتقۇلىرىنىڭ «تونېل» خەۋىرىنى رەت قىلدى
شىمالىي كورېيە، يادرو قورالى سىناق ساھەسى – پۇڭگيې-رىدىكى بىر تونېلنىڭ بېسىۋېلىشى نەتىجىسىدە 200 گە يېقىن ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەرنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋاى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – KCNA تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ئانالىز ماقالىدە، ياپونىيە ئاساھى تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ ئىككى كۈن ئىلگىرى كۈن ئېلان قىلغان خەۋىرىدىكى «پۇڭگيې-رىدىكى يادرو بازىسىدا تونېل بېسىلىپ، كۆپ ساندا ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى» توغرىسىدىكى ئۇچۇرلىرىنىڭ راست ئەمەسلىكى قەيت قىلىندى.
ياپونىيە بىلەن جەنۇبىي كورېيە تاراتقۇلىرى، 31 – ئۆكتەبىردە شىمالىي كورېيەدىكى يادرو سىناق ساھەسى پۇڭگيې-رىدا قۇرۇلۇشى تېخىمۇ پۈتمىگەن بىر تونېلنىڭ بېسىۋېلىشى نەتىجىسىدە، 200 گە يېقىن ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، شۇنداقلا ۋەقەنىڭ قاچان يۈز بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.
شىمالىي كورېيە دائىرىلىرى، 3 – سېنتەبىردە 2006 – يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك ئالتىنچى قېتىملىق يادرو سىنىقىنى ئىشقا ئاشۇرغان؛ سۈنئىي ھەمرادىن تارتىلغان فوتو – سۈرەتلەر، يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىلغان پۇڭگيې-رى ساھەسى ۋە ئەتراپىدا تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ئەھۋاللىرىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى نامايان قىلىپ بەرگەنىدى.