جاممۇ كەشمىردە ھىندىستان ئەسكەرلىرى بىلەن يەرلىك قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر ئارىسىدا توقۇنۇش چىقتى

ھىندىستاننىڭ جاممۇ كەشىر رايونىدا ھىندىستان ئەسكەرلىرى بىلەن يەرلىك قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.

840181
جاممۇ كەشمىردە ھىندىستان ئەسكەرلىرى بىلەن يەرلىك قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر ئارىسىدا توقۇنۇش چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساقچى خادىملىرى، سامبورا يېزىسىدا ھىندىستان ئەسكەرلىرى بىلەن يەرلىك قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر ئارىسىدا يۈز بەرگەن مەزكۇر توقۇنۇشتا، ھىندىستاننىڭ ئىككى ئەسكىرى بىلەن بىر نەپەر قارشىلىق كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، شوپىئان رايونىدا بىر پائالىيەتچىنىڭ جەسىتىنىڭ تېپىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

ھىمالايا ئېتەكلىرىدىكى ھىندىستانلىق ۋە پاكىستانلىق مۇسۇلمانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كەشمىر رايونى، ئىككى دۆلەت ئەنگلىيەدىن مۇستەقىل بولغان 1947 – يىلىدىن بۇيان ئىگىلىك ھوقۇق دەتالاشلىرىغا تېما بولۇپ كەلمەكتە.

جاممۇ كەشمىردىكى مۇسۇلمان قارشىلىق كۆرسەتكۈچى گۇرۇپپىلار، 1989 – يىلىدىن بۇيان مۇستەقىل بولۇش ياكى پاكىستانغا قوشۇلۇپ كېتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا. رايوندا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە ھازىرغىچە 70 مىڭ ئەتراپىدا ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر