ئىراقتا كېلەر يىلدىكى سايلاملارغا بىر قىسىم پارتىيەلەر قاتنىشالمايدۇ

ئىراق ھۆكۈمىتى كېلەر يىلدىكى سايلاملارغا قوراللىق كۈچلىرى بولغان پارتىيەلەرنى قاتناشتۇرماسلىقىنى قارار قىلدى.

838205
ئىراقتا كېلەر يىلدىكى سايلاملارغا بىر قىسىم پارتىيەلەر قاتنىشالمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقتا كېلەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومۇمىي سايلاملارغا قوراللىق كۈچلىرى بولغان سىياسىي پارتىيەلەر بىلەن گۇرۇھلارنىڭ قاتنىشالمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىراق باش مىنسىتىرلىق ئىدارىسىنىڭ مېدىيا ئىشخانىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مىنستىرلار كېڭىشى يىغىنىدا ئومۇمىي سايلاملارنى كېلەر يىلى ئۆتكۈزۈش ۋە سايلاملارغا قوراللىق كۈچلىرى بولغان سىياسىي پارتىيەلەر بىلەن گۇرۇھلارنى قاتناشتۇرۇلماسلىقنىڭ قارار قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

باش مىنىستىر ھايدار ئەل-ئىبادى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ ھاشدى شابىنىڭ بىخەتەرلىك تارماقلىرىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا سايلامغا قاتنىشالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ھەربىي ئورگانلار بىلەن سىياسەتنى ئايرىش كېرەك.»

ئىراقتىكى بارلىق چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ مەركىزى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىبادى، ئىراق ئەسكەرلىرىنىڭ ئىراق-تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھابۇر بىلەن فىشھابۇر چېگرا ئېغىزلىرىدا دۆلەت بايراقلىرىنى چىقارغانلىقلىرىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر