شىمالىي كورېيە دونالد ترامپنى ھاقارەتلىدى

پىيوڭياڭ ھۆكۈمىتى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنى قاتتىق ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى.

838642
شىمالىي كورېيە  دونالد ترامپنى ھاقارەتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى «يادرو كىرىزىسى»داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، پىيوڭياڭ ھۆكۈمىتى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنى قاتتىق ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى.

شىمالىي كورېيەدىكى رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى KCNA نىڭ ترامپنىڭ Fox تېلېۋىزىيە خەۋەر قانىلىدا شىمالىي كورېيە توغرۇلۇق سۆزلىگەن سۆزى ھەققىدە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە مۇنداق  دەپ كۆرسىتىلدى: «سەپرالىقى، چۇسلىقى، مەسئۇلىيەتسىزلىكى ۋە قالايمىقان سۆزلىرى بىلەن داڭ چىقارغان تىرامپنىڭ ئېغىزى يەنە چاتاق چىقاردى.»

ترامپنىڭ بۇرۇنمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا «شىمالىي كورېيەنى يوق قىلىش»بىلەن تەھدىت سالغانلىقى ئەسلىتىپ ئۆتۈلگەن خەۋەردە «ترامپ يادرو ئۇرۇشى قوزغاشقا تولىمۇ مايىل، ئۇ بۇ مايىللىقىنى ئىپادىلەپ ئۆزىنىڭ ھەققىي ئەپتى-بەشرىسىنى ئاشكارىلاپ قويدى. شۇڭا ئۇنىڭغا داۋاسى يوق روھىي كېسەل، دەپ دېئاگنوز قويدۇق.»

خەۋەردە «روھىي كېسەل بولغان ترامپ چوقۇم داۋالىنىشى شەرت»دېگەن ئىبارىگىمۇ ئورۇن ئاجرىتىلدى.

دونالد ترامپ شىمالىي كورېيەنى «غەزەب ۋە ئۆپكە» ۋە «بوران-چاپقۇندىن بۇرۇنقى جىمجىتلىق»دېگەن سۆزلەر بىلەن ئاگاھلاندۇرغانىدى، ئۇ ب د ت ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە ئامېرىكا ئۆزى ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى شىمالىي كورېيەنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغداشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان ئەھۋالدا شىمالىي كورېيەنى «يوق قىلىۋېتىدىغانلىقىنى»ئېيتقانىدى.

ترامپ يەنە سۆزىدە شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جۇڭ ئۇننى «راكېتا ئادەم»دەپ كەمستىكەنىدى.

كىم جۇڭ ئۇن ئارقىدىنلا بايانات ئېلان قىلىپ  «ئالجىغان ئامېرىكىلىققا دېگەن گېپىنىڭ بەدىلىنى چوقۇم تۆلەتكۈزىمەن»دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر