توكيودا 9 ئادەمنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلانغان بېشى بىلەن گەۋدىسى تېپىلدى

ياپونىيە ساقچىلىرى، پايتەخت توكيودىكى بىر ئۆيدىن سەككىز نەپىرى ئايال بولۇپ جەمئىي 9 كىشىنىڭ باشلىرى ئۈزۈپ تاشلانغان جەسەتلىرىنى تاپتى.

837598
توكيودا 9 ئادەمنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلانغان بېشى بىلەن گەۋدىسى تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە ساقچىلىرى، پايتەخت توكيودىكى بىر ئۆيدىن سەككىز نەپىرى ئايال بولۇپ جەمئىي 9 كىشىنىڭ باشلىرى ئۈزۈپ تاشلانغان جەسەتلىرىنى تاپتى ۋە مەزكۇر ئۆيدە ياشايدىغان 27 ياشلىق تاكاخىرو شىرائىشىنى نازارەت ئاستىغا ئالدى.

توكيونىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان زاما رايونىدىكى بىر ئۆينى ئاختۇرغان ساقچىلار، بىر مۇز ساندۇقىغا سېلىپ قويۇلغان ئىككى كىشىنىڭ بېشىنى تاپقاندىن كېيىن، ئىزدەش – ئاختۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەمئىي 9 كىشىنىڭ بېشى ۋە ئايرىۋېتىلگەن گەۋدىسىنى تېپىپ چىقتى.

ياپونىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى NHK نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گۇماندار ساقچىلارغا «ئۇلارنى ئۆلتۈردۈم ۋە پاكىتلارنى يوشۇرۇش ئۈچۈن بەدەنلىرى بىلەن بىر ئاز ھەپىلەشتىم» دېگەن.

ياپونىيە مېدىياسىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، گۇماندارنىڭ ئۆيىدىن بىر ھەرە تېپىلغان.

ساقچىلار، ئادەمنىڭ تىنىنى شۈركەندۈرىدىغان بۇ ۋەقەنى غايىب بولۇپ كەتكەن 23 ياشلىق بىر ئايالنى ئىزدەش جەريانىدا بايقىدى. ئىگىلىنىشىچە، ساقچىلار غايىب بولۇپ كەتكەن مەزكۇر ئايال بىلەن گۇماندارنىڭ ئالاقىلەشكەنلىكىنى كامېرا كۆرۈنۈشلىرى ئارقىلىق ئېنىقلاپ چىققاندىن كېيىن، ھەرىكەتكە ئۆتۈپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.

سانكېئ شىمبۇن گېزىتى، يوقاپ كەتكەن ئايالنىڭ ۋەقەدىن ئىلگىرى تىۋىتتېردىن «مەن بىلەن بىرلىكتە ئۆلىدىغان بىرىنى ئىزدەۋاتىمەن» دەپ ئۇچۇر تارقاتقانلىقىنىمۇ ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر