سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدىكى مۇساپىرلار قىيىن كۈنگە قالدى

سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدە يۈز بەرگەن شىددەتلىك ھۆل-يېغىن سەۋەبلىك مۇساپىرلار قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى.

837419
سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدىكى مۇساپىرلار قىيىن كۈنگە قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئىدلىب شەھىرىدە يۈز بەرگەن شىددەتلىك ھۆل-يېغىن سەۋەبلىك رايوندىكى بىر قىسىم مۇساپىرلار لاگېرلىرىنى سۇ بېسىپ كەتتى.

تەخمىنەن 700 ئادەم ياشاۋاتقان ئەل فىرات لاگېرىدىكى چېدىرلاردا ئەدىيال، ياستۇق قاتارلىق بۇيۇملار كارغا كەلمەس ھالەتكە كېلىپ قالدى.

ئىدلىبتىكى ئاتما، قاھ ۋە كەرامە لاگېرلىرىنىمۇ سۇ بېسىپ كەتتى.

سۈرىيەنىڭ تۈركىيەگە يېقىن چېگرا رايونلىرىدا تەخمىنەن 200 چېدىر شەھەر قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ چېدىر شەھەرلەردە 500مىڭدەك ئادەم ياشايدۇ.

چېدىر شەھەرلەردە ياشاۋاتقانلارنىڭ كۆپ قىسمى تۈركىيەدىن ئەۋەتىلىدىغان ياردەم بۇيۇملىرىغا تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر