لىۋىيەنىڭ دەرنە شەھىرى بومباردىمان قىلىنىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

لىۋىيەنىڭ شەرقىگە جايلاشقان دەرنە شەھىرى نامەلۇم ئايروپىلانلار تەرىپىدىن بومباردىمان قىلىندى.

837422
لىۋىيەنىڭ دەرنە شەھىرى بومباردىمان قىلىنىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيەنىڭ شەرقىگە جايلاشقان دەرنە شەھىرى بومباردىمان قىلىنىپ 17 ئادەم ئۆلدى، 30دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى.

بومباردىمان قىلغان ئايروپىلانلارنىڭ كىمگە تەۋە ئىكەنلىكى ھازىرچە نامەلۇم.

دەرنە شەھىرىدىكى ئەل-خۇرەيىش دۆلەت دوختۇرخانىسىنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بومباردىماندا 17 ئادەم ئۆلۈپ 30 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.

دوختۇرخانىدا «جىددىي ھالەت»ئېلان قىلىنىپ، خەلق قان تەقدىم قىلىشقا چاقىرىلدى.

دەرنە مۇجاھىدلار شۇراسى ئەل-خۇرەيىش دوختۇرخانىسىنى 2015-يىلى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ چاڭگىلىدىن قايتۇرۇۋالغانىدى.

دەرنە لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى گېنېرال خەلىفە ھافتەر قىسىملىرىنىڭ تىزگىنى ئاستىدا بولمىغان بىردىنبىر شەھەر ھېسابلىنىدۇ.

دەرنە مۇجاھىدلار شۇراسى ئىسلامىي گۇرۇھلار تەرىپىدىن گېنېرال ھافتەرنىڭ «بىنغازىنى ئاشقۇن كۈچلەردىن تازىلاش مەقسىتىدە»قوزغىغان ھەربىي ھەرىكىتىگە قارشى 2014-يىلى 12-دېكابىردا قۇرۇلغانىدى.

لىۋىيەدە ئۆزلىرىنى قانۇنلۇق ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان ھۆكۈمەتلەردىن مۇستەقىل ھالدا پائالىيەت قىلىپ كېلىۋاتقان دەرنە مۇجاھىدلار شۇراسى، رايوندىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر