نورۋېگىيە رۇسىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

نورۋېگىيە باش مىنىستىرى ئېرنا سولبېرگ رۇسىيەلىك مەنسەپدېشى دىمىترىي مېدۋېدېۋگە تەزىيە بىلدۈردى.

837049
نورۋېگىيە رۇسىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نورۋېگىيە باش مىنىستىرى ئېرنا سولبېرگ رۇسىيەلىك مەنسەپدېشى دىمىترىي مېدۋېدېۋگە، رۇسىيەنىڭ Mi-8 تىپلىق بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانىنىڭ سۋالبارد تاقىم ئاراللىرىدا قازاغا ئۇچرىشى ۋە قازادا رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەزىيە بىلدۈردى.

رۇسىيە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى مەتبۇئات ئىشلىرى ئىشخانىسى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، «ئېرنا سولبېرگ، Mi-8 تىك ئۇچار ئايروپىلانى سۋالبارد تاقىم ئاراللىرىدا ئۇچرىغان قازادا رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن مېدۋېدېۋگە ۋە ئۆلگەنلەرنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈردى» دېدى.

رۇسىيەنىڭ Mi-8 تىك ئۇچار ئايروپىلانىنىڭ قازادىن كېيىنكى قالدۇقلىرى تۈنۈگۈن نورۋېگىيەنىڭ بارېنتسبۇرگ رايونىغا يېقىن جايدا دېڭىزنىڭ 200 مېتىر چوڭقۇرلۇقىدىن تېپىلغانىدى.

5 ئايروپىلان مۇلازىمەتچىسى بىلەن 3 پەن – تەتقىقاتچى ئولتۇرغان تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ، مۇھىت تەتقىقاتى دائىرىسىدىكى ھىدرولوگىيەلىك كۆزىتىش ۋە ئەۋرىشكە توپلاش خىزمەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قايتىۋاتقان ئەسنادا چۈشۈپ كەتكەن بولۇش ئېھتىمالى بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر