تىللېرسون: سۈرىيەدە بەششار ئەسەد بولماسلىقى كېرەك

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون ئامېرىكانىڭ بەششار ئەسەدنىڭ ھېچقانداق رولى بولمىغان «بىر پۈتۈن» ۋە «بىرلەشكەن» سۈرىيەنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

835234
تىللېرسون: سۈرىيەدە بەششار ئەسەد بولماسلىقى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون: «بەششار ئەسەد ئائىلەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشتى، ئەمدىكى مۇھىم مەسىلە بۇنىڭ قانداق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقى» دېدى.

تىللېرسون ئوتتۇرا شەرقتىكى بەزى دۆلەتلەر ۋە جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، شىۋېيتسارىيە پايتەختى جەنۋە شەھىرىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ستېفان دېمىستۇرا بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ كۆرۈشۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، سۈرىيەنىڭ كېلەچىكىدە بەششار ئەسەدنىڭ بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكا ھۆكۈمەتتە بەششار ئەسەد بولمىغان <بىر پۈتۈن> سۈرىيە خالايدۇ. بەششار ئەسەد ئائىلەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىق دەۋرى ئاخىرلاشتى. مۇھىم مەسىلە بۇنىڭ قانداق ئەمەلگە ئېشىشىدۇر.»

ئۇ سۈرىيەدە ئالتە يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇشتا بەششار ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتەلمەسلىكىدىكى بىردىنبىر سەۋەبنى رۇسىيەنىڭ ھاۋا ياردىمى دەپ كۆرسەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر