كرېمىل پۇتىننىڭ تۆت باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسمىنىڭ كەڭ كۆلەملىك مانېۋىر ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

835699
كرېمىل پۇتىننىڭ تۆت باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە كرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترى پېسكوۋ، ھەربىي مانېۋىردا پىرېزىدېنت پۇتىننىڭ تۆت دانە بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، تۈنۈگۈن (26-ئۆكتەبىر) ئارمىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يادرو قوراللىرى قىسمى ئۇرۇشقا تەييارلىقىنى سىناق قىلىش مەقسىتىدە مانېۋىر ئۆتكۈزگەن. مانېۋىرغا، رۇسىيە ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسمى، شىمالىي ۋە تىنچ ئوكيان فىلوتىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن دېڭىز ئاستى ھەربىي پاراخوتلىرى، ئىستراتېگىيەلىك ۋە يىراق مەنزىللىك بومباردىمان ئايروپىلانلىرى قاتناشتۇرۇلغان.

كرېمىل باياناتچىسى پېسكوۋ مانېۋىرغا پىرېزىدېنت پۇتىننىڭمۇ قاتنىشىپ، تۆت دانە بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، مانېۋىردا  Tu-160, Tu-95MS ۋە Tu-22M3 تىپلىق «كۇرا» نامىدىكى ئايروپىلانلار، پېمبوي (Pemboy) ۋە تەرەكتا (Terekta) سىناق مەيدانىدىكى نۇقتىلارغا «كرۇز» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى قويۇپ بەرگەن. تىنچ ئوكيان فىلوتىدىكى دېڭىز ئاستى يادرو پاراخوتىدىن ئىككى دانە بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا، شىمالىي فىلوتنىڭ دېڭىز ئاستى پاراخوتىدىن بىر دانە بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىلگەن. ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسمى پلېسېتسىك (Plesetsk) ئالەم پونكىتىدىن بىر قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەن.

ھەربىي مانېۋىر مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر