ئۇكرائىنادا سىياسىي سۇيىقەست يۈز بەردى

ئۇكرائىنادا ئاشقۇن ئوڭچىل رادىكال پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى ئىگور موسىيچۇك نىشان قىلىنغان سىياسىي سۇيىقەستتە  بىر كىشى ئۆلدى.

834475
ئۇكرائىنادا سىياسىي سۇيىقەست يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: موسىيچۇك ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Facebook  سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، موتسىكلىتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان بومبىىڭ پارتلىتىلىشى نەتىجىسىدە يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا ئۆزىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، بىر كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

كىيېۋ ساقچىلار باياناتچىسى ئوكسانا بلىشچىك ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «‹ Espresso › تېلېۋىزىيە قانىلى» بىناسى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا يارىلانغانلارنىڭ دوختۇرخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى ھەمدە دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يارىدارلاردىن بىرىنىڭ يولدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، قالغان 3 يارىدارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ھازىرچە ئېنىق ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر