گرىئېۋې ئىسىملىك بىر ئايال 189 كىشىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانىدا يالغۇز سەپەر قىلدى

ئەنگلىيەنىڭ Jet2 ھاۋا يولى شىركىتى ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ سىكوتلاندىيەنىڭ گلاسگوۋ شەھىرىدىن گىرېتسىيەنىڭ گىرىت ئارىلىدىغا بېرىش ئۈچۈن 46 فوند سىتىرلىڭغا بىلەت ئالغان كارون گرىئېۋې ئىسىملىك بىر ئايال، 189 كىشىلىك ئايروپىلاندا يالغۇز سەپەر قىلدى.

834832
گرىئېۋې ئىسىملىك بىر ئايال 189 كىشىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانىدا يالغۇز سەپەر قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئايروپىلاندىن ئورۇن ئايرىتقۇزغان باشقا ئىككى يولۇچى كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئايروپىلاندا يالغۇز سەپەر قىلغان گرىئېۋې، كەم كۆرۈلىدىغان بۇ سەپىرىگە «پەۋقۇلئاددە» دەپ باھا بەردى.

نورمال بىلەت سېتىۋالغان بولۇشىغا قارىماي، ئايروپىلاننىڭ ئالىي دەرىجىلىك قىسمىغا ئولتۇرغۇزۇلغان گرىئېۋې، قوزغىلىشتىن ئىلگىرى ئۇچقۇچىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ سۆھبەتلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، 189 كىشىلىك ئايروپىلاندىكى بىردىنبىر يولۇچى سۈپىتىدە بارلىق ئايروپىلان مۇلازىمەتچىلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى بىلگەنلىكىنى ۋە ئۇچقۇچىنىڭ ئۇچۇش ئەسناسىدا ئۇنىڭغا ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ گەپ قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

گرىئېۋې، كىتابىنى يېزىپ چىقىشى ئۈچۈن ئالدىمىزدىكى ئاينى گىرىتتە ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر