ئىسرائىلىيە يەنە خەلقئارانىڭ قارارىغا زىت ھالدا ئىش قىلدى

ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارانىڭ قارارلىرىغا پىسەنت قىلماي قانۇنسىز ھالدا تۇرالغۇ رايونلىرى بەرپا قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

834208
ئىسرائىلىيە يەنە خەلقئارانىڭ قارارىغا زىت ھالدا ئىش قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە خەلقئارانىڭ نارازىلىقىغا پىسەنت قىلماي كۆچمەن يەھۇدىي تۇرالغۇ رايونلىرى بەرپا قىلىشنى داۋملاشتۇرماقتا.

ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم شەرقىي قۇددۇستىكى بىر كۆچمەن يەھۇدىي تۇرالغۇ رايونىنى كېڭەيتىشنى قارار قىلدى.

پىلان بويىچە شەرقىي قۇددۇستىكى بۇ كۆچمەن يەھۇدىي تۇرالغۇ رايونىغا يەنە 176 يۈرۈش سېلىنىدىكەن.

پىلان ئەمەلىيلەشكەن تەقدىردە بۇ كۆچمەن يەھۇدىي تۇرالغۇ رايونى پەلەستىن زېمىندىكى ئەڭ چوڭ كۆچمەن يەھۇدىي تۇرالغۇ رايونى ھالىتىگە كېلىدىكەن.

ئىسرائىلىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا چىقىرىلغان ئىسرائىلىيەگە مۇناسىۋەتلىك قارارلارغا پىسەنت قىلماي، 1967-يىلى ئىشغال قىلىۋالغان قۇددۇستا كۆچمەن يەھۇدىي تۇرالغۇ رايونلىرى بەرپا قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر