تىللېرسون پاكىستاننى زىيارەت قىلدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون پاكىستان باش مىنىستىرى شاھىد خاقان ئابباسى بىلەن كۆرۈشتى.

833849
تىللېرسون پاكىستاننى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان باش مىنىستىرى ئابباسى زىيارەتكە كەلگەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسىدا كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشكە، پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خوجا مۇھەممەد ئاسىف، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇررام داستگىرخان، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئاھسان ئىقبال، قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى قامار جاۋىد باجۋا ۋە ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ناۋىد مۇختار قاتارلىق كىشىلەر قاتناشتى. كۆرۈشۈش ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلدى.

دىپلوماتىك مەنبەلەر، يىغىندا تېررورلۇققا قارشى كۈرەش، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە باشقا رايونلۇق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

بەزى مەنبەلەردە، رېكس تىللېرسوننىڭ ئايرودۇرۇمدا پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك رەھبىرى خادىم تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىنىشى، پاكىستاندىكى «سوغۇق كۈتۈۋېلىش» دەپ تەھلىل قىلىنماقتا.

ۋاشىنگتون-ئىسلامئاباد مۇناسىۋەتلىرى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ جەنۇبىي ئاسىيا سىياسىتىنى ئېلان قىلغان ئاۋغۇست ئېيىدىن بۇيان يىرىكلىشىپ كەتكەن ئىدى. پىرېزىدېنت ترامپ پاكىستاننى تېررورىستلارغا قۇچاق ئېچىش بىلەن ئەيىبلگەن ئىدى. پاكىستان بولسا، بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ، ئامېرىكانىڭ رادىكاللىققا قارشى كۈرەش قىلىشنىڭ مىڭلارچە بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر