خىتاي سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى بېكىتىلدى

خىتاينىڭ يېڭى رەھبەرلىك قوشۇنىدىن تەشكىللەنگەن سىياسىي بىيۇرو ۋە سىياسىي بىيۇرو دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنىڭ ئىسمى ئېلان قىلىندى.

834134
خىتاي سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى بېكىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا 204 ئەسلى ئەزا، 172 زاپاس ئەزادىن تەشكىللەنگەن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى، تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى خەلق چوڭ سارىيىدا تۇنجى ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىنى چاقىردى. يىغىندا، سىياسىي بىيۇرونىڭ 25 ئەزاسى ۋە سىياسىي بىيۇرو دائىمىي كومىتېتىنىڭ يەتتە ئەزاسى سايلاندى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ 11 ئەزاسى يەتتىگە قىسقارتىلدى.

شى جىنپىڭ 2017-يىلدىن 2022-يىلىغىچە خىتاي دۆلەت رەئىسى، خىتاي كوممۇنىستىك سىياسىي بىيۇرو دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سېكرىتارى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى يەنە بەش يىل ئۈستىگە ئالىدۇ.

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى سىياسىي بىيۇرو دائىمىي كومىتېتىنىڭ يەتتە ئەزاسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ بىلەن لى كېچياڭدىن باشقا بەش ئەزا يېڭىلاندى. بۇلار لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لىجى، خەنجىڭ.

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى سىياسىي بىيۇرو دائىمىي كومىتېتىدا پارىخورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىش ھەرىكىتىگە مەسئۇل ۋاڭ چىشەننىڭ ئورنىغا جاۋ لىجىنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى، بىراق باشقا ئەزالارنىڭ ۋەزىپىسى ھازىرچە ئېلان قىلىنمىدى. سىياسىي بىيۇرو دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ھەم سىياسىي بىيۇرو ھەمدە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇش سالاھىيىتىگە ئىگە. يەتتە ئەزادىن باشقا، دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ چىڭ، ليۇ خې، شۈ چىلياڭ، سۈن چۈنلەن، لى شى، لى چياڭ، لى خوڭجوڭ، ياڭ جېچى، ياڭ شياۋدۇ، جاڭ يۇشيا، چېن شى، چېن چۈەنگو، چېن مىنئېر، خۇ چۈنخۇا، گوشىڭكۈن، خۇاڭ كۇنمىڭ ۋە سەي چى قاتارلىق كىشىلەر سىياسىي بىيۇرونىڭ ئەزاسى بولدى.

شى جىنپىڭ خەلق چوڭ سارىيىدا سۆز قىلغاندا، يېڭىلانغان رەھبەرلەرنىڭ نامىدا كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ بارلىق ئەزالىرىغا تەشەككۈر ئېيتىپ: «ۋەزىپىمىزنى ئادا قىلىش ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىشەنچىگە لايىق بولۇش ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر