تىللېرسون باغدادتا زىيارەتتە بولدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون، ئىراقنىڭ بىرلىكىنىڭ ساقلاپ قېلىنىشىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەيدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى ۋە ۋاشىنگتوننىڭ توقۇنۇشتىن يىراق دىيالوگ ئۆتكۈزۈش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

832958
تىللېرسون باغدادتا زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، رېكس تىللېرسوننىڭ پايتەخت باغدادتا باش مىنىستىر ھەيدەر ئىبادى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئامېرىكىنىڭ ئىراقنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، ئاساسىي قانۇنغا رىئايە قىلىشنى ۋە ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى بىلەن توقۇنۇشتىن يىراق ھالدا دىيالوگ ئۆتكۈزۈلۈشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئىبادىمۇ ئىراقنىڭ ئالدىنقى پىلاندىكى ئىشىنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. كەركۈكتىكى بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش جەريانىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان ئىبادى، «ھېچقانداق تەرەپ بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى خالىمايمىز. كەركۈكتە كورد خەلقىنىڭ ئىراقنىڭ قىممەتلىك پۇقرالىرى ئىكەنلىكى سىگنالىنى بەردۇق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر