رۇھانى: ئىراننىڭ رايوندىكى نوپۇزى ھەرقانداق چاغدىكىدىن كۈچلۈك
ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى، دۆلىتىنىڭ رايوندىكى نوپۇزىنىڭ ھەرقانداق چاغدىكىگە قارىغاندا كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پىرېزىدېنتى رۇھانى دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلىدا تارقىتىلغان سۆزىدە، «ئىراننىڭ رايوندىكى نوپۇزى ھەر قانداق چاغدىكىدىن كۈچلۈكتۇر. ئىراق، سۈرىيە ، لىۋان، شىمالىي ئافرىقا ۋە بەسرە قولتۇقى رايونىدا ئىران بولماي تۇرۇپ قەدەم تاشلىغىلى بولامدۇ؟» دېدى.
پىرېزىدېنت ھەسەن رۇھانى، ئىراننىڭ رايوندىكى كۈچلۈك ئورنىغا قارىماي، ئىران كونسېرۋاتىپلىرى بىلەن مۆتىدىللىرى ئارىسىدىكى ئىچكى جېدەل خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكلىرىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «سىستېمىنىڭ بىر تەرىپىگە زىيان يەتكۈزسەك، باشقا تەرىپى كۈچىيىدۇ، دەپ ئويلىمايلى. ئۇنداق بولمايدۇ، پۈتكۈل سىستېما ۋەيران بولىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا – خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى سىنگاپوردا كۆرۈشىدۇ
ئامېرىكا – خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى كېلەر ھەپتە سىنگاپوردا تۇنجى قېتىم يۈزتۇرانە كۆرۈشىدۇ.