«B-52» تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلانلار جىددىي ھالەتكە ئۆتۈش ئالدىدا

ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى يادرو قورالى ئېلىپ ئۇچالايدىغان «B-52» تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنى سوغۇق ئۇرۇش ئاخىرلىشىپ تۇنجى قېتىم 24 سائەتلىك جىددىي ھالەتكە ئۆتكۈزۈشكە تەييارلاندى.

832973
«B-52» تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلانلار جىددىي ھالەتكە ئۆتۈش ئالدىدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى گېنېرال داۋىد گولدفېيىن 1991-يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم «B-52» تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنى 24 سائەتلىك جىددىي ھالىتىدە تۇرغۇزۇشنى ئويلىشىۋاتقانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى. ئۇ: «بۇ پەقەت تەييارلىقتا ئىكەنلىكىمىز توغرىسىدا ئىشەنچ بېغىشلايدىغان يەنە بىر قەدەم ھېسابلىنىدۇ. بۇنى كونكرېت ئەھۋال ئۈچۈن دېمىدىم، بىراق بۇنىڭغا ئۆزىمىز ئىچىدە بولغان دۇنياۋى ۋەزىيەتنىڭ ئەمەلىيىتى سۈپىتىدە قارايمەن» دېدى.

  «B-52» تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلانلارغا جىددىي ھالەتكە ئۆتۈش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلمىدى، بىراق بۇيرۇق بېرىلگەن تەقدىردە، سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىن تۇنجى قېتىم يادرو بومبىسى ئېلىپ ئۇچالايدىغان «B-52» تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشقا باشلايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

گېنېرال داۋىد گولدفېيىن بۇيرۇقنىڭ قاچان چۈشۈرۈلىدىغانلىقى توغرىسىدا توختالدى ۋە يېپىق شەكىلدە شىمالىي كورېيەگە ئىشارەت قىلىپ، مۇنداق دېدى:

«بۇ پۈتۈنلەي كىم جوڭئۇنغا، قانداق ھەرىكەتكە ۋە بىزنىڭ تەييارلىق ئەھۋالىمىزغا بولغان دىققەتكە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. دۇنيا ئەمدى خەتەرلىك جايغا ئايلاندى، چۈنكى ئوچۇق-ئاشكارا يادرو قورالى ئىشلىتىش توغرىسىدا گەپ قىلىدىغان كىشىلەر بار. ھازىر سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى ۋە بىز بار بولغان ئىككى قۇتۇپلۇق دۇنيادا ياشىمايۋاتىمىز، يادرو ئىقتىدارىغا ئىگە باشقا دۆلەتلەرمۇ بار.»

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ سېنتەبىر ئېيىدا نىيۇ يوركتا ئېچىلغان ب د ت نىڭ 72-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا سۆ قىلغاندا، شىمالىي كورېيە يادرو سىنىقىنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە كېرەكلىك تەدبىرلەرنى ئېلىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېگەن ئىدى:

«كىم جوڭئۇن ھەم ئۆزى ھەمدە ھاكىمىيىتىنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ئەگەر ئامېرىكا ئۆزىنى ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى قوغداشقا مەجبۇر قالسا، شىمالىي كورېيەنى پۈتۈنلەي يوق قىلىشتىن باشقا چارىسى قالمايدۇ، ئامېرىكا بۇنىڭغا تەييار، بۇنى ئارزۇ قىلىدۇ ۋە قىلالايدۇ، بىراق مەن بۇنىڭغا كېرەك قالماسلىقنى ئۈمىد قىلىمەن.»

شىمالىي كورېيە 2017-يىلى 3-سېنتەبىر 2006-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك ۋە 6-قېتىملىق يادرو سىنىقى ئەمەلگە ئاشۇرغاندىن كېيىن، ئامېرىكا تەرىپىدىن تەييارلانغان يېڭى ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارار لايىھەسى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر