ئامېرىكىدا «تاسمىلىق قارا تەنلىك قىز»نىڭ رەسىمى قاتتىق نارازىلىق پەيدا قىلدى

ئامېرىكىنىڭ ماسساچۇسېت ئىشتاتىدىكى مەلۇم بىر مەكتەپتە تارتىلغان «تاسمىلىق قاراڭ تەنلىك»بالىنىڭ رەسمى نارزىلىق كەلتۈرۈپ چىقاردى.

831725
ئامېرىكىدا «تاسمىلىق قارا تەنلىك قىز»نىڭ رەسىمى قاتتىق نارازىلىق پەيدا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ ماسساچۇسېت ئىشتاتىدىكى مەلۇم بىر مەكتەپتە دەرس ئۆتۈلىۋاتقاندا تارتىلغان «تاسمىلىق قاراڭ تەنلىك»بالىنىڭ رەسمى قاتتىق نارازىلىق پەيدا قىلدى.

بۇ رەسىم ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تېز سۈرئەتتە تارقىلىپ كەتكەندىن كېيىن مەكتەپ مۇدىرى بۇ ۋەقە توغرۇلۇق بايانات بېرىپ كەچۈرۈم سورىدى.

مەكتەپ مۇدىرى بوستۇننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىرىجۋوتېر شەھىرىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە 17-ئەسىردىكى ئامېرىكىلىق سەيياھلارنىڭ ھايات سەرگۈزەشتىلىرى سۆزلەنگەن دەرستتە ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقوغۇچىلار ئەينى دەۋىرنىڭ كىيىم-كىچەكلىرىنى كىيىپ رەسىمگە چۈشكەن.

بۇ ئەسنادا ئىككى ئاق تەنلىك بالىنىڭ ئالدىدا تىز چۆكۈپ ئولتۇرغان قارات تەنلىك قىزغا تاسما تاقىغاندەك تەرىقىدە تارتىلغان رەسىم ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا ئېلان قىلىندى ۋە بۇ رەسىمنى كۆرگەن ئاتا-ئانىلار دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇشتى.

ئاتا-ئانىلاردىن بىرى بۇ رەسىم توغرۇلۇق مۇنداق دېدى: «بۇ رەسىمگە تېمىنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ نەزەر سالىدىغان بولسىڭىز نېملەرنى ئويلىغان بولاتتىڭىز؟بۇ ھەقىقەتەن بىز ئويلىغاندەك ئىش ۋە كىشىنى ھەقىقەتەن بىئارام قىلىدۇ.»

ئىنكاسلارغا قارىتا دەرسنى تەشكىللىگۈچى ئورۇن بۇ ۋەقەنى چۈشەندۈرۈشكە مەجبۇر بولۇپ قالدى. ئەسلىدە قارا تەنلىك قىزنىڭ بوينىغا تاقالغان تاسما ئەمەس 17-ئەسىردە بالىلارغا مېڭىش ئۆگىتىلگەندە ئىشلىتىدىغان ئالاھىدە يۈگەن ئىكەن.

بۇنىڭدىن تاشقىرى، مەكتەپ مۇدىرىمۇ ھېچكىمنى كەمسىتىشنى مەقسەت قىلمىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ بۇ ئىش تۈپەيلى كەچۈرۈم سورىدى.

يەنە بىر ئائىلە باشلىقى بۇ ۋەقەنىڭ باشقىچە تەرىقىدە تەرەققىي قىلپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇنى قىلغانلار باشقىلارغا زىيان سېلىشنى كۆزلەپ قىلدى، دەپ ئويلىمايمەن ۋە ئۇلار بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاشماي قىلغان بولۇشى مۇمكىن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر