قاھىرىدە توقۇنۇش يۈز بېرىپ 50 دەك ساقچى ئۆلدى

مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرىدە ساقچى ئەترىتى ھۇجۇمغا ئۇچراپ 54 ساقچى ئۆلدى.

831792
قاھىرىدە توقۇنۇش يۈز بېرىپ 50 دەك ساقچى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىردا ساقچى ئەترىتى ھۇجۇمغا ئۇچراپ 54 ساقچى ئۆلدى.

پايتەخت قاھىرەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى رايوندا ھەرىكەت تەييارلىقى قىلىۋاتقان ساقچى ئەترىتى پىستىرمىغا چۈشۈرۈلدى.

راكېتامىيوت ۋە ئاپتوماتلار ئىشلىتىلگەن ھۇجۇمدا ئالاھىدە ھەرىكەت ساقچى قىسىملىرىغا تەۋە ساقچىلار بولۇپ جەمئىي 54 بىخەتەرلىك خادىمى ئۆلدى.  

يەرلىك تاراتقۇلاردا بۇ ۋەقە توغرۇلۇق چىققان خەۋەلەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھاسىم ھەرىكىتى ئۈستىگە ئالغان. بىراق بۇ ئۇچۇرنى مۇستەقىل دائىرىلەر ھازىرغىچە مۇئەييەنلەشتۈرمىدى.

ھاسىم ھەرىكىتى قاھىرىدە خەۋپسىزلىك خادىملىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر