«گېن جەھەتتىن پىروگراممىلانغان ئىنسان ئاتوم بومبىسىدىنمۇ خەتەرلىك»

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن گېن جەھەتتىن پىروگراممىلانغان ئىنساننىڭ ئاتوم بومبىسىدىنمۇ خەتەرلىك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

831727
«گېن جەھەتتىن پىروگراممىلانغان ئىنسان ئاتوم بومبىسىدىنمۇ خەتەرلىك»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن يېقىن كەلگۈسىدە ئىنساننى ئارزۇ قىلىنغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسەن گېن جەھەتتىن پىروگراممىلىغىلى بولىدىغانلىقىنى ۋە بۇ تەرەققىياتنىڭ ئاتوم بومبىسىدىنمۇ ۋەھىمىلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە بۇ يىل 19-نۆۋەتلىكى ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ياشلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار فېستىۋالىغا قاتناشقان پۇتىن مۇنداق دېدى: «يېقىن كەلگۈسىدە  ھەر قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان بىر ئىنسان ۋۇجۇدقا چىقارىلدى، دەپ پەرەز قىلساق، ۋۇجۇدقا چىققان بۇ ئىنسان تولىمۇ زېرەك ماتىماتىكچى ياكى مۇزىكانت بولۇشى مۇمىن، بەلكىم رەھىمسىز، ھېسسىياتسىز بىر ئەسكەر بولۇشى مۇمكىن. ئىنسانىيەت پات يېقىندا تەرەققىيات ۋە مەۋجۇدلۇقىنىڭ تولىمۇ مۈشكۈل ۋە زور مەسئۇلىيەت تەلەپ قىلىدىغان دەۋىرگە قەدەم قويىدۇ. مەن ھازىر دېگەن بۇ تەرەققىيات ئاتوم بومبىسىدىنمۇ خەتەرلىك ۋەزىيەت پەيدا  قىلىپ قويۇشى مۇمكىن.»

پۇتىن يەنە يېڭى تېخنولوگىيەلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ۋە تەدبىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىملىقىنى، بىراق ئىنسانىيەتنىڭ ئەخلاقنى قەتئىي ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى، چۈنكى ئەخلاقسىزلىقنىڭ ھالاكەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پۇتىن ئاخىرىدا مۇنۇلارنى دېدى: «بىر ئىشنى قىلغاندا بۇ ئىشنىڭ ئەخلاقىي تەرىپىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك، بارلىق ئىشلىرىمىزنىڭ ئىنسانىيەتكە پايدىلىق بولۇشى ھەرگىزمۇ زىيان ئېلىپ كەلمەسلىكى لازىم.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر