ئامېرىكا: ۋىزىغا ئالاقىدار ئۇچرىشىشلاردا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدۇق

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېئىتېر نائۇئېرت، ئامېرىكا ھەيئىتى بىلەن تۈرك ئەمەلدارلارنىڭ ۋىزا كىرىزىسىغا ئالاقىدار تۈركىيەدىكى ئۇچرىشىشلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى ئېيتتى.

830982
ئامېرىكا: ۋىزىغا ئالاقىدار ئۇچرىشىشلاردا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھېئىتېر نائۇئېرت كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جوناتان كۆھېن باشچىلىقىدىكى ئامېرىكا ھەيئىتىنىڭ پايتەخت ئەنقەرەدىكى ئۇچرىشىشلىرى توغرىسىدا توختىلىپ، «ئۇچرىشىشلار ئۈنۈملۈك بولدى ۋە ئومۇمەن مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدۇق. بۇ ياخشى ئەھۋال، بۇ جەھەتتە ئۆزگىرىشلەر بولدى. ۋىزا مۇساپىسىنىڭ نورمال ھالەتكە قايتىشى، مۇھىم مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن، يېقىن ئالاقىنى داۋاملاشتۇرىمىز. ئورتاق كومىتېت قۇرۇپ چىقىش تەكلىپى ئۈچۈن شەرتلەر ۋە خىزمەت تەقسىماتى توغرىسىدا سۆزلەشتۇق. بۇ قارار يېقىندا نەتىجىلىنىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر