تۈركىيە: ۋىزا ئىلتىماسلىرىنىڭ توختىتىپ قويۇلغانلىقى يالغان

تۈركىيە سچېنگېن ۋىزا ئىلتىماسلىرىنىڭ توختىتىپ قويۇلغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

831325
تۈركىيە: ۋىزا ئىلتىماسلىرىنىڭ توختىتىپ قويۇلغانلىقى يالغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بەزى ياۋروپا ئەللىرىنىڭ تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ سچېنگېن ۋىزا ئىلتىماسلىرىنى توختىتىپ قويۇلغانلىقى توغرۇلۇق تارقالغان خەۋەرلەرنىڭ يالغان ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ھەقتىكى ئىلتىماسلارنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدىكى قانۇن – بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر