مېركېلنىڭ تۈركىيەگە قارشى تەشەببۇسلىرى قوللاشقا ئېرىشەلمىدى

بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدا تۈركىيەگە قارشى قانات ئاز سانلىقنى ئىگىلىدى.

830806
مېركېلنىڭ تۈركىيەگە قارشى تەشەببۇسلىرى قوللاشقا ئېرىشەلمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنىدىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، دۆلىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى قەيت قىلغان ھالدا، «سۆھبەتلەرگە دەرھال خاتىمە بېرىشكە تەرەپدار كۆپ سانلىق يوق» دېدى.

ئۇ يەنە، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە قارىتا گۇمان تۇيغۇسىنىڭ ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈركىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرۇش تەرەپدارى ئىكەنلىىكنى باشلىقلارنىڭ ئالدىدا ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى. يىغىندا ئەندىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتۈلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان مېركېل، «بىراق، ئاخىرقى خۇلاسىگە كېلىدىغان بولساق، ئالاقىنى ئۈزۈپ تاشلىماسلىق توغرىسىدا ئومۇمىي ئىستەك ئوتتۇرىغا چىقتى. كومىتېتتىن ئەزالىقتىن ئىلگىرىكى قوللاش فوندىلىرىنىڭ توختىتىلىشى ياكى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىنىشى توغرىسىدا لايىھە تەييارلاپ چىقىشىنى تەلەپ قىلدۇق. بىراق، بۇنىڭدىن كېيىنكى قەدەم تۈركىيە بىلەن ئالاقە ئورنىتىش بولۇشى لازىم» دېدى.

ئىگىلىنىشىچە، سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى توختىتىش تەلىپى قوللاشقا ئېرىشمىگەن مېركېلنىڭ، ئەزالىقتىن ئىلگىرىكى قوللاش فوندىلىرىنى قىسقارتىش تەلىپىگە پەقەت بېلگىيە بىلەن گوللاندىيەلا ئاۋاز قوشقان.

قوللاش فوندىدىن 2014 – يىلىدىن 2020 – يىلىغىچە بولغان جەرياندا بېرىلىشى پىلانلانغان 4 يېرىم مىليارد ياۋرودىن ھازىرغىچە پەقەت 257 مىليون ياۋرو تۈركىيەگە ئەۋەتىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، مېركېلنىڭ بۇ ياردەمنى توختىتىش تەلىپى ئەمەلىيەتتە بىرەر مەنە ئىپادىلىمەيدۇ، دېگەن قاراش ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر