تالىباننىڭ ھۇجۇمىدا 12 كىشى قازا قىلدى

تالىباننىڭ ئافغانىستاننىڭ گاردېز شەھىرىدىكى ساقچى ئىدارىسىغا قىلغان ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىدا پۇقرالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 12 كىشى قازا قىلدى، 60 كىشى يارىلاندى.

828922
تالىباننىڭ ھۇجۇمىدا 12 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇم جەريانىدا كەم دېگەندە 2 تېررورىست ئۆلتۈرۈلگەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى جۈزجان ۋىلايىتىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر