گېرمانىيە پەشمەرگەلەرگە ھەربىي تەلىم - تەربىيە بېرىشنى توختاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى

گېرمانىيە، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى كۈچلىرىنى ھەربىي تەلىم – تەربىيە جەھەتتە قوللاشنى ۋاقىتلىق توختىتىپ قويدى.

828709
گېرمانىيە پەشمەرگەلەرگە ھەربىي تەلىم - تەربىيە بېرىشنى توختاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ھەربىي مەشىقنىڭ توختىتىلىشىغا كەركۈكنىڭ  نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيىتىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتتى. باياناتتا، رايوندىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ يېقىندىن كۈزىتىلىۋاتقانلىقى ۋە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشتە ئىتتىپاقداشلار بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

بۇ جەرياندا دائېشنىڭ كەركۈككە قاراشلىق دىبىس بازىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى؛ مەھەللىي مەنبەلەر، ئىراق خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن دائېش تېررورچىلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىراق ئارمىيەسى كەركۈكتىن كېيىن پەشمەرگەنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى سىنجارغا كىرىپ، ئۇ يەرنىڭمۇ كونتروللۇقىنى قولىغا ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر