ئامېرىكا: تۇنجى بومبا تاشلانغۇچە دىپلوماتىك تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز

شىمالىي كورېيە پارلامېنتىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك مۇئاۋىن باشلىقى ئان توڭ-چۇن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى دۆلىتىگە دۈشمەنلەرچە سىياسەت يۈرگۈزۈشتىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى.

827581
ئامېرىكا: تۇنجى بومبا تاشلانغۇچە دىپلوماتىك تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ سائنت پېتىربورگ شەھىرىدە داۋاملىشىۋاتقان پارلامېنتلار ئارا دوستلۇق يىغىنىدا سۆز قىلغان چۇن، «ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورېيەگە قارشى دۈشمەنلەرچە سىياسىتىگە خاتىمە بېرىشىنى خالايمىز» دېدى.

شىمالىي كورېيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چۇن، پىيوڭياڭنىڭ يادرو پىلانىنىڭ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى مۇھاپىزەت قىلىشنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «دۆلىتىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا دوئېل ئېلان قىلىنغانلىقىنى ۋە ئامېرىكا تەرىپىدىن يوقىتىپ تاشلىنىش خەۋپىگە ئۇچراۋاتقانلىقىمىزنى بىلدۈرۈشنى خالايمىز. تارىخ ئۆزىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ قوغدىشى كېرەكلىكىنى دەلىللىمەكتە ۋە يادرو پىلانىمىز باشقىلارنى ۋاز كەچتۈرۈش مەقسەتلىك بولۇپ، مۇستەقىللىمىزنىڭ قوغدىلىشىنى نىشان قىلماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بۇ جەرياندا، س ن ن تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون، «تۇنجى بومبا چۈشكۈچە شىمالىي كورېيە كىرىزىسىنى دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىشقا تىرىشىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

ترامپنىڭ شىمالىي كورېيە بىلەن ئۇرۇش چىقىرىشنى خالىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن تىللېرسون، «مەسىلىنىڭ دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىنىشىنى خالايمىز، ئۇرۇش چىقىرىش كويىدا ئەمەسمىز. دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار تۇنجى بومبا چۈشكۈچە داۋاملىشىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر