ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورېيە ئورتاق ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدۇ

ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورېيە ھەربىي پائالىيەتلەرنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئورتاق ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

827675
ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورېيە ئورتاق ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كورېيە ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتى كەسكىن بولىۋاتقان بىر پەيتتە،  ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورېيە ئورتاق ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقلىرىنى جاركارلىدى.

كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى بۇ ھەربىي مانېۋىر بەش كۈن داۋاملىشىدۇ.

جەنۇبىي كورېيە مۇداپىئە مىنسىتىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئورتاق ھەربىي مانېۋىرغا تەخمىنەن 40 ھەربىي پاراخوتتىن سىرت دونالد رېگېن ناملىق ئاۋىئاماتكىنىڭمۇ قاتناشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ قېتىمقى ھەربىي مانېۋىرنىڭ مەقسىتى «ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى بىلەن ھەربىي پائالىيەتلەرنى كۈچەيتىش»تىن ئىبارەت ئىكەن.

ھەربىي مانىۋېر ياپون دېڭىزغا يېقىن جايدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورېيە ئەسكەرلىرى قۇرۇقلۇق، ھاۋا ۋە دېڭىزدا بىرلا ۋاقىتتا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدۇ.

پىيوڭياڭ ھاكىمىيىتى ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئورتاق ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق شىمالىي كورېيەگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر