سومالىدىكى بومبىلىق ھۇجۇمدا ئۆلگەنلەر سانى 300 گە يەتتى

سومالىنىڭ پايتەختى مۇقدىشودا ئالدىنقى كۈنى يۈز بەرگەن بومبىلىق ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 300 گە يەتتى.

827782
سومالىدىكى بومبىلىق ھۇجۇمدا ئۆلگەنلەر سانى 300 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت  مۇقدىشودىكى ئەلئەمىن جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى مۇدىرى دوختۇر ئابدۇلقادىر ئادەم، بومبىلىق ھۇجۇمدا يارىلانغاندىن كېيىن بالنىستقا ئېلىنغانلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ قۇتقۇزۇلالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 مۇقدىشودا مېيىتلەرنى دەپنە قىلىش ئىشلىرىنىڭمۇ باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن دوختۇر ئادەم، ئۆلگەنلەر سانىنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ھۇجۇمدا يارىلانغان 300 ئەتراپىدا كىشى ھەر قايسى دوختۇرخانىلاردا داۋالانماقتا.

 مۇقدىشودا شەنبە كۈنى بىرى بىر مېھمانخانىغا يېقىن جايدا، يەنە بىرى مەدىنەئى مۇنەۋۋەرە رايونىدا ئىككى بومبىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، ھۇجۇمغا چېتىشلىق بىر كىشى قولغا ئېلىنغان، سومالىدا 3 كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر