كەشمىردە قانلىق توقۇنۇش يۈز بەردى
جاممۇ كەشمىر رايونىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ 4 ئادەم ئۆلدى.
824744
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىشكە سەۋەب بولغان جاممۇ كەشمىر رايونىدا ھىندىستان ئەسكەرلىرى بىلەن يەرلىك قوزغىلاڭچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 2 ھىندىستان ئەسكىرى بىلەن 2 قوزغىڭلاچى ئۆلدى.
باندىپورا رايونىدىكى ھاجىن يېزىسىدا باشلىغان توقۇنۇشلار ھېلىھەم داۋملاشماقتا.
ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇسۇلمانلار زىچ ئولتۇراقلاشقان كەشمىر رايونى، ئىككى دۆلەت ئەنگلىيەدىن ئايرىپ مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغان 1947-يىلدىن بۇيان ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش-تارتىشلىرىغا تېما بولۇپ كەلمەكتە.
جاممۇ كەشمىردىكى مۇسۇلمان قوزغىڭلاڭچىلار 1989-يىلدىن بۇيان مۇستەقىل بولۇش ياكى پاكىستانغا قوشۇلۇپ كېتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ كەلمەكتە.
ئىگىلىنىشىچە، رايوندىكى توقۇنۇشلاردا ھازىرغىچە تەخمىنەن 70مىڭ كىشى ئۆلگەن.