كالىفورنىيەدە ئېغىر دالا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى دائىرىسى سۈرئەت بىلەن كېڭىيىپ كەتكەن دالا ئوت ئاپىتىدە كەم دېگەندە 10 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

823861
كالىفورنىيەدە ئېغىر دالا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 1500 ئۆي ۋە خىزمەت ئورنىنى تالاپەتكە ئۇچراتقان، 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ بىخەتەر جايلارغا تارقاقلاشتۇرۇلۇشىغا سەۋەب بولغان دالا ئوت ئاپىتى داۋام قىلماقتا. ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوت ئاپىتى 100 مىڭ مولۇق دائىرىدە تەسىرىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن.

كالىفورنىيە ۋالىيسى جېررىي بروۋن، ئوت ئاپىتى يۈزىسىدىن 8 رايوندا جىددىي ھالەت ئېلان قىلدى.

كۆپ ساندا ئادەمنىڭ يارىلىنىشى ۋە يوقاپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان، ئېلېكتىر ۋە تېلېفون لىنىيەلىرىگە زىيان يەتكۈزگەن ئوت ئاپىتىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ھازىرغىچە ئېنىقلىنالمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر