ئىسرائىلىيە غەززەگە ھۇجۇم قىلدى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى ھاماسقا تەۋە ھەربىي بازىلارنى بىتچىت قىلىش ئۈچۈن تانكىلار بىلەن غەززەگە كىردى.

822814
ئىسرائىلىيە غەززەگە ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى مۇھاسىرە ئاستىدىكى غەززەگە تانكىلار بىلەن ھۇجۇم قىلدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: «ئارمىيەمىزنىڭ تانكىلىرى غەززەگە جايلاشقان ھاماسقا تەۋە بىر بازىنى ھۇجۇم نىشانى قىلدى.»
                باياناتتا ھۇجۇمنىڭ غەززەدىن ئىسرائىلىيەنىڭ ئاشكېلون شەھىرىگە يېقىن جايغا كەچتە قىلىنغان راكېتامىيوت ھۇجۇمىغا جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە،غەززە تەرەپتىن ئېتىلغان راكېتامىيوت قۇرۇق يەرگە چۈشۈپ ھېچقانداق زىيان كەلتۈرۈپ چىقارمىغان ۋە بۇ  ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھازىرغىچە ھېچكىم ئۈستىگە ئالمىغان.

ئىسرائىلىيە ئىككى مىليونغا يېقىن پەلەستىنلىك ياشاۋاتقان غەززەنى ھاماسنىڭ 2006-يىلدىكى سايلامدا ئۇتۇپ چىقىشىدىن بۇيان مۇھاسىرە ئاستىدا تۇتماقتا.

شەرقىي قۇددۇس بىلەن ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىمۇ 1967-يىلدىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدا تۇرماقتا، سېپىللار بىلەن بۇ ئىككى رايوننى بىر-بىرىدىن ئايرىپ تاشلىغان ئىسرائىلىيە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ياشاۋاتقان پەلەستىنلىكلەرنىڭ شەرقىي قۇددۇسقا ئۆتۈشىگە توسالغۇ بولۇپ كەلمەكتە.  

ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇستا 200مىڭ، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا 400مىڭدىن ئارتۇق كۆچمەن يەھۇدىي ياشايدۇ، خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن، بۇ رايونلاردىكى بارلىق كۆچمەن يەھۇدىي تۇرالغۇ جايلىرى «قانۇنسىز»ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر