ترامپ تېل ئاۋىۋدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەشنىڭ شەرتىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تېل ئاۋىۋدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەشنىڭ ئالدىدا ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن كۈچەپ باقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

822739
ترامپ تېل ئاۋىۋدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەشنىڭ شەرتىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق ئورنىتىشنى يەنە بىر قېتىم سىناپ كۆرمەي تۇرۇپ ئامېرىكىنىڭ تېل ئاۋىدىكى ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكىمەيدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

دونالد ترامپ TBN تېلېۋىزىيە قانىلىدا سابىق پىرېزىدېنت نامزاتلىرىدىن مايىك خۇكابېنىڭ (Mike Huckabee) زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

ئامېرىكىنىڭ تېل ئاۋىۋدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى دېيۋىد فىرېدمېننىڭ پات يېقىندا ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەيدىغانلىقلىرىنى دېگەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن مايىك خۇكابې دونالد ترامپتىن بۇنىڭ قاچان ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى سورىدى،  دونالد ترامپ بولسا پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن باش قاتتۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق ئورنىتىشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ئەمەسلىكىنى ئېيتقان ترامپ سۆزىنى داۋملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە بۇنىڭ پىلانى ئۈستىدە باش قاتتۇرۇۋاتىمىز، نۇرغۇن ئادەم ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق ئورنىتىشنىڭ تولىمۇ مۈشكۈل ئىكەنلىكىنى دەپ كەلمەكتە، لېكىن بىز بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.»

تىنچلىق پىلانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىش ياكى ئاشماسلىقى توغرىسىدا ھازىرغىچە بىر نەرسە دېيىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ترامپ مۇنداق دېدى: «ئەلچىخانىمىزنى قۇددۇسقا يۆتكەشتىن ئىلگىرى بۇنى سىناپ باقىمەن، ناۋادا ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق بەرپا قىلالىساق، تەبىئىي ھالدا ئوتتۇرا شەرقتىمۇ تىنچلىق بەرپا بولىدۇ.»

تىنچلىق پىلانىنى قاچان ئىجرا قىلىش مەسىلىسى توغرۇلۇق ئېنىق بىر نەرسە دېمىگەن ترامپ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «پات يېقىندا قارار قىلىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر