«غايىب بومباردىمان» يەنە بىر قېتىم پۇقرالارنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

سۈرىيەنىڭ تۈركىيە چېگراسىغا جايلاشقان ئىدلىب ۋىلايىتىگە قاراشلىق مارەت نۇئمان ناھىيەسىدىكى بىر بازار نامەلۇم تەرەپ ياكى تەرەپلەرنىڭ بومباردىمان قىلىشىغا ئۇچرىدى.

823100
«غايىب بومباردىمان» يەنە بىر قېتىم پۇقرالارنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ تۈركىيە چېگراسىغا جايلاشقان ئىدلىب ۋىلايىتىگە قاراشلىق مارەت نۇئمان ناھىيەسىدىكى بىر بازارغا قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىدا دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 12 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى، يارىلانغان 15 پۇقرا رايوندىكى سەھىيە مەركەزلىرىدە بالنىستقا ئېلىندى.

ئىگىلىنىشىچە، بىر قىسىم يارىدارلارنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالى ئېغىر بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆلگەنلەر سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا ئىكەن.

ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا يېتىپ بارغان پۇقراۋى قوغدىنىش خادىملىرى، ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى باشلىۋەتتى.

ھۇجۇمنى سادىر قىلغان ئايروپىلاننىڭ قايسى تەرەپ ياكى دۆلەتكە تەۋە ئىكەنلىكى ھازىرچە ئېنىقلىنالمىدى.

سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان ئىدلىب ۋىلايىتى، تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانىدا ھاسىل قىلغان كېلىشىمنىڭ روھىغا ئاساسەن، سۈركىلىشنى پەسەيتىش مەقسىتىدە ئۇرۇش توختىتىلغان رايونلار دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر