ئىراق ئارمىيەسى ھاۋىجە يېزا - بازارلىرىنى تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

ئىراق خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، كەركۈك شەھىرىنىڭ ھاۋىجە ناھىيەسى ۋە ناھىيەگە قاراشلىق يېزا – بازارلاردا دائېشچىلارنى تازىلاش مەقسىتىدە كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت باشلىدى.

822459
ئىراق ئارمىيەسى ھاۋىجە يېزا - بازارلىرىنى تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەشدى ئەشائىرە (سۈننىي كۈچلەر) نىڭ ھاۋىجە قوماندانى ۋەسفى ئەلئاسى، «رايوندىكى دائېش تېررورچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى كەركۈك چېگراسىدىكى پەشمەرگە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى» دېدى.

ئۇ، ھاۋىجەنى قايتۇرۇۋېلىش ھەربىي ھەرىكىتى باشلىغاندىن كېيىن بىر قىسىم دائېش تېررورچىلىرىنىڭ ناھىيەنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونغا قېچىپ بېرىپ، يوشۇرۇنۇۋالغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

رايوندىكى زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ يېزىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن قوماندان ۋەسفى ئەلئاسى، «ھاۋىجە ناھىيەسىگە قاراشلىق رىياد بازىرىنىڭ بەزى يېزىلىرىدا ناھايىتى جىددىي رەۋىشتە دائېشچى ئىزدەش ھەرىكىتى باشلىدۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر