باغداد بىلەن ئەربىل بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى

ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى بىلەن باغداد 4 تۈرلۈك مەسىلە ئۈستىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.

822424
باغداد بىلەن ئەربىل بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى باشلىقى مەسئۇد بارزانى، ئىراق مۇئاۋىن پىرېزىدېنتلىرى ئىياد ئەللاۋى ۋە ئۇسامە نۇجەيفى قاتارلىقلار بىلەن سۇلايمانىيە شەھىرىدە ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى؛ ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، بارزانى، ئەللاۋى ۋە نۇجەيفى قاتارلىق ئۈچ رەھبەرنىڭ ئۆزئارا ئۇچرىشىپ، ئىراق باشتىن كەچۈرۈۋاتقان نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ۋە سىياسىي مەسىلىلەرگە چىقىش يولى ئىزدىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، «ئىراقتىكى جىددىيچىلىكنىڭ پەسكويغا چۈشۈرۈلۈشى ئۈچۈن سىياسىي پارتىيەلەر ۋە تەرەپلەر ئارىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى باشلاش، مۇزاكىرىلەرنى ئوچۇق پىلان – لايىھەلەر بويىچە داۋاملاشتۇرۇش، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىگە يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولارنى تېز سۈرئەتتە بىكار قىلىش ۋە ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە باغداد بىلەن ئەربىل ئارىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈشنى باشلاش» توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر