ئەردوغان فىرانسىيە پىرېزىدېنتى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
822262
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېلېفون ئۇچرىشىشىدا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىراق ۋە سۈرىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۆزگىرىشلەر، ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشنىڭ زۆرۈرلۈكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.