ئەنگلىيەدە مۇسۇلمان بىر ئائىلە ئۇچرىغان ھۇجۇم توغرۇلۇق تەكشۈرۈش باشلاندى
ئەنگلىيەنىڭ مانچېستېر رايونىدا مۇسۇلمان بىر ئائىلىنىڭ ئۆيىگە خىش ۋە چوشقىنىڭ بېشىنى ئېتىش ۋەقەسى توغرۇلۇق تەكشۈرۈش باشلاندى.
820196
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇسۇلمان بىر ئائىلە تۇرۇۋاتقان ئۆينىڭ دەرىزىسىگە خىش ئېتىلغان بولۇپ، خىش ئائىلە ئەزالىرىدىن بىرىنىڭ بېشىغا تەگكىلى تاس قالغان. كېيىنچە خىش چېقىۋەتكەن دەرىزىدىن چوشقا بېشى ئېتىلغان.
شاھىتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇمنى تەخمىنەن 18 ياشلىق ۋە يۈزى نىقابلىق بىر زوراۋان ئېلىپ بارغان ھەمدە ۋەقەدىن كېيىن ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ قېچىپ كەتكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ساقچىلار زوراۋاننى داۋاملىق ئىزدىمەكتە ئىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
كولۇمبىيەدە تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ 9 ئەسكەر قازا قىلدى
كولۇمبىيەدە تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بىر گېنېرالنى قوشقاندا، جەمئىي تۇققۇز ئەسكەر قازا قىلدى.