ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.
820865
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مادۇرو 5 – 6 – ئۆكتەبىر كۈنلىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدىكەن.
ئالدى بىلەن ئەردوغان بىلەن مادۇرو بىر يەرگە جەم بولىدىكەن، ئارقىدىن ئىككى تەرەپلىك ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
ئۇچرىشىشلاردا، تۈركىيە - ۋېنېزۇئېلا مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدىكەن.
بۇ ئارىلىقتا، ئىككى دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە «ئورتاق ھەمكارلىق كومىتېتى» نىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك يىغىنى چاقىرىلىدىكەن.