دائېش لىۋىيەدە ئەدلىيە مەھكىمىسىگە ھۇجۇم قىلدى
تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش لىۋىيەنىڭ مىسراتە رايونىدا ئەدلىيە مەھكىمىسىگە ھۇجۇم قىلدى.
821102
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋەقە يۈز بەرگەن مىسراتە رايونىدىكى سەھىيە خادىملىرىنىڭ ئيېتىشىچە، ۋەقەدە 3 كىشى ئۆلگەن بولۇپ، يارىلانغان ئونلارچە كىشىنىڭ كۆپىنچىسى ئەدلىيە خادىمى ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئۆز ئۈستىگە ئالغان.